مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋات شەھەر رايونىدا ئۈچ ياشلىق بالىنى ئوغرىلاپ كەتكەن ئەر سەككىز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2021.10.12 11:09 مەنبە: خەلق تورى

  ئاۋات شەھەر رايونىدا بىر كىچىك بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدىن يالغۇز كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىچىك بالىنى ئېلىپ كەتكەن، كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى نەق ۋاقتىدا بايقاپ بالىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرى گۇتيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 11-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، جېڭxx بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش جىنايىتى بىلەن گۇتيەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سەككىز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 19 دا، جېڭxx ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، گۇتيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى ۋەنشىڭ مەيدانىدا يالغۇز تۇرغاندا، ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزى يالغۇز ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالىنى كۆتۈرۈپ قارشى يۆنىلىشكە بەش مېتىرچە قاچقان.

  بۇ بالنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ يىغلىغىنىنى ئاڭلىغان ئۆيىدىكىلەر، دەرھال بالا ئوغرىسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۆز ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شۇ ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان، جېڭxxمۇ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

  گۇتيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جېڭ فامىلىلىك ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ بالىنىڭ ناھايىتى ئۇماقلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى تاللا بازىرىدىن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتقان.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جېڭxxنىڭ روھىي كېسىلى يوق بولۇپ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقنى ئۆتەش ئىقتىدارىغا ئىگە، كۆپ قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈش جىنايەت تارىخى بار، بۇ قېتىملىق دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئالدىنقى قېتىملىق جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن؛ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دائىم ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، دېلو يۈز بەرگەن كۈنىمۇ كۆپ ھاراق ئىچكەنلىكتىن مەست بولۇپ قالغان.

  قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گۇتيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كېتىش جىنايىتى (ئەمەلگە ئاشمىغان) بىلەن جېڭxxنى ئەيىبلىدى.

  تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بالىلارنى ئالداپ كېتىش ۋەقەسى ئادەتتە باغچا، سودا ساراي، تاللا بازىرى، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق ئادەم زىچ سورۇنلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ۋەسىيلەر ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، ئادەم زىچ جايلاردا بالىلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئەگەر بالىلار ئوغرىلىنىش، بۇلاپ كېتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھەمدە بىرىنچى بولۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ