17-نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىر بايرىمى ۋۇخەندە باشلاندى

2021.10.11 19:42 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، دىراما سەنئەتكارى جياۋ خۇاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىراماتورگ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن سۆز قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، «قەھرىمان شەھىرىگە يىغىلىپ، يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇش» باش تېما قىلىنغان 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىر بايرىمى خۇبېي ۋۇخەندە رەسمىي باشلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دىراما بايرىمى 28-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇ مەزگىلدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 31 مۇنەۋۋەر دىراما ئارقا-ئارقىدىن ئوينىلىدىكەن، بۇلار جىڭجۈي تىياتىرى، كۈنجۈي تىياتىرى، پىڭجۈي تىياتىرى، يۈجۈي تىياتىرى، يۆجۈي تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى، ۋۇجۈي تىياتىرى، گاۋجيا تىياتىرى، خۇاگۇ تىياتىرى قاتارلىق 14 دىراما-ئەلنەغمە ۋە دىراما، ئوپېرا، بالىلار تىياتىرى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگو تىياتىر بايرىمى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بولۇپ، 1988-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ