مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ «ئۇزۇن مۇساپە قىيىنچىلىقى»نى يۇمۇرغا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

جياڭ مېڭ

2021.10.11 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «زەرەتلەشكە بىر سائەت كەتسە، ئۆچرەتتە تۇرۇشقا تۆت سائەت كەتتى.» نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، زەرەتلەش ئۈسكىنىسى ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك قاخشىدى، بەزىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ زەرەتلەيدىغان ئاپتوموبىلدىن 20 نەچچىسى بارلىقىنى، ھەتتا ھاجەتخانىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ قىستىلىپ كىرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدا ئۆچرەتتە تۇرغان يەنە بىر قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قايتىپ كېتىشكە نەسىھەت قىلىندى، ئۇلارنىڭ كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زەرەتلىگەن-زەرەتلىمىگەنلىكى ياكى يېرىم يولدا ئاپتوموبىلنىڭ توكى تۈگەپ قالغانلىقىنى ئاپتوموبىل ئىگىسىلا بىلىشى مۇمكىن.

  ئەسلىدىكى سەككىز سائەتلىك مۇساپىگە 16 سائەت ۋاقىت كەتتى!

  زەرەتلەش مەسىلىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى «ئۇزۇن مۇساپىدىن ئەنسىرەش» قىيىنچىلىقىغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئامال قىلىپ توك تېجەشكە مەجبۇر بولدى. بەزىلەر ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئاپتوموبىلنىڭ تېخىمۇ ئۇزاققا ماڭالىشى ئۈچۈن، ئۆزى بىئارام بولۇشنى تاللىدى. يەنە بەزىلەر ماشىنا توسۇلۇپ قالغاندا، دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈپ ماشىنىنى توختىتىپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ماشىنىدىن چۈشۈپ يول بويىدا سالقىنلىدى. بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگۈچىلەر كۈلۈپلا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ماشىنىدىكىلەر ھەقىقەتەن كۈلەلمەيدۇ.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا زەرەتلەش قوزۇقىنىڭ 10 مىڭ 836 گە، زەرەتلەش قوزۇقى سەپلەنگەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ 2318 گە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. نەچچە ئون مىڭ زەرەتلەش قوزۇقى ئاڭلىماققا ئاز ئەمەس، لېكىن ئىنچىكە ئويلىنىپ باقساق، مەسىلە يەنە پەيدا بولدى.

  ئاددىي ھېسابلاش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەربىر زەرەتلەش قوزۇقى سەپلەنگەن مۇلازىمەت رايونىدا تەخمىنەن 4.6 زەرەتلەش قوزۇقى بار. بىر زەرەتلەش قوزۇقىنى بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا زەرەتلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىچە بىر سائەت سەرپ قىلىش بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر مۇلازىمەت رايونىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە ئاران 4.6 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى زەرەتلىگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق زەرەتلەش ئۈنۈمى يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش قاتارلىق سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇپ زەرەتلەيدىغان مەنزىرىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ زەرەتلەش ئۈسكۈنىسىگە تايىنىشى خۇددى ئادەم ۋاقتىدا تاماق يېيىشكە موھتاج بولغانغا ئوخشايدۇ. زەرەتلەشنىڭ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش-بولماسلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇن يولغا مېڭىشىغا كىشىلەر ئىلگىرى ئىزچىل ياخشى باھا بەرمىگەن ئىدى، ھەتتا «قىسقۇچپاقا يېيىش» دەپ قارىلاتتى، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا ئىش ئەمەس، بەلكى زەرەتلەشنىڭ تەس ئىكەنلىكىدىن ئىدى. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى يۇمۇر دەپ قارىماي، بەلكى كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىش زۆرۈر.

  ھازىرقى ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مۇكەممەل، سىغدۇرۇشچان زەرەتلەش مۇلازىمىتى تورىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش زۆرۈر. بۇنىڭغا باشقۇرغۇچى تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، شۇنداقلا كەسىپ زەنجىرىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ پائال ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ