مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2021.09.24 12:52

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «ئىككىنى ئازايتىش» نى يۈرۈشلەشتۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقە باشقۇرۇش چارىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا ئىزدىنىپ، «خەلقئارا» بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى تۈزەش؛ «پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش» تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى توغرىسىدا ئىزدىنىپ لايىھە تەييارلاش؛ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پەن تۈرىدىن بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشنىمۇ بۇنىڭغا كىرگۈزۈش كېرەك. نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «بىرگە بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى»، «كوللېكتىپ غەملەپ شەخسىي ئوقۇتۇش»، «ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى» قاتارلىق يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ