مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا «يوقال» دەپ جاۋاب قايتۇرۇش قوپاللىق ھەم ھاكاۋۇرلۇقتۇر

2021.09.16 21:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىغا «يوقال» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

  «يوقال» دېگەن بۇ سۆز __ قوپاللىق! ھاكاۋۇرلۇقتۇر! يىن فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ، چاكارلىق ئوبرازىنى بۇلغىدى.

  كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئاممىۋى پىكىر مەركەزلەشكەندىن كېيىن، يىن فامىلىلىك: «ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پەقەت بىر تور ئادرېسىنىلا كۆرۈپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئوخشايدۇ» دەپ قاپتىمەن، دېگەن. ھالبۇكى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ياردەم سوراش قىسقا ئۇچۇرىدا پەقەت ئۇلىنىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى چىن كۆڭۈلدىن چىققان سەمىمىي سۆزلەر بار ئىدى، بولۇپمۇ شۇ جاينىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن تۇرسا، قانداقسىگە ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرى بولۇپ قالىدۇ؟

  شۇ جاينىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلدى.» بۇ پوزىتسىيەنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، شۇنداقلا زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىدۇر، لېكىن يەنە يىن فامىلىلىكنىڭ ئاشكارا يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىن فامىلىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرىلاش مەسئۇلىيىتى بار، ئۆزىنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىشى كېرەك. «پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ چاكىرى، خەلق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ غوجايىنى، بۇ مۇناسىۋەتنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر خەلق ئاممىسىنى غوجايىن قىلمىسا، تەزىم قىلىپ ‹چاكار› بولۇشنى خالىمىسا، رەھبىرىي كادىر بولۇشقا مۇناسىپ بولمايدۇ.» ئاممىنى يوقال دەيدىغان ئىشەنچنى كىم بەردى؟ يەنە ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ ھېسابلامدۇ؟

  ئاممىنىڭ مەنپەئەتىدە كىچىك ئىش يوق، كۆڭلىدە پۇقرالار بولمىسا ئەمەلدار بولماسلىق كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئاممىنى ھاقارەتلەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي ساپاسىدۇر.

  شۇڭا، يىن فامىلىلىك ئىنكاس قىلغۇچىدىن سەمىمىي ئەپۇ سورىشى، يەنە پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئىنتىزامى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ ئەينەككە قاراپ بېقىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ روھىنى «يۇيۇشى» كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە بولغان ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتتە ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن ئىشلىرى، غەم-ئەندىشىسى، ئارزۇ-ئۈمىد مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ