مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2021.09.16 21:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش — سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. «پىكىر» ئومۇمىي تەلەپ، تور بوشلۇقى ئىدىيەسى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقى مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقى مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىن ئىبارەت سەككىز قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي تور باشقۇرۇش، مەدەنىي تور ئىشلىتىش، مەدەنىي تورغا چىقىش، تورنى مەدەنىي گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش، مەدەنىيەت كەيپىياتى، ئەخلاق ئىستىكى، ھەرىكەت قائىدىسى، قانۇنچىللىق مۇھىتى بەرپا قىلىش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىرنىڭ قوللىشى، ياخشى مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ خىزمەت نىشانى ___ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىپ يېڭى بازىنى ئىگىلەش، ماركسىزمنىڭ تور ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش؛ مەدەنىيەت يېتىلدۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ توردىكى مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش؛ ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاش، تور ئەھلىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، سەمىمىي ھەمكارلىشىدىغان تور كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش؛ مەدەنىيەت ساپاسىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈش، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تور ئەھلىنىڭ تور ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تور سۇپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ساھە تەلەپچانلىقىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تۈزەش ئۈنۈمىدە يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش، تور ئېكولوگىيەسىنى كۈنسېرى ياخشىلاش، تور بوشلۇقىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش؛ بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى توردا ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، توردىكى مەدەنىي ماركا پائالىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تور بوشلۇقىنى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتۈرۈش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئالاقە تورى مەزمۇنى قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق نەزەرىيە تور بېكىتى، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى، ئابونتلار تېرمىنالى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، توردا نەزەرىيە تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. توردا زور باش تېما تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، توردا تارقىتىش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «ھادىسە دەرىجىلىك» تارقىتىش مەھسۇلاتى بەرپا قىلىش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمە تورنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەركەز ۋە جايلاردىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى، نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ كۆچمە تېرمىنال قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاخبارات تور بېكىتى، سودا سۇپىسى قاتارلىق تارقىتىش بىرىكمە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ تور ئەھلىگە، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تارقىتىش كېرەك؛ توردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى تارقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەڭ تور ئەھلى ياقتۇرىدىغان خاس ماركا پائالىيىتى ۋە ئىجادىي نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئەلا سۈپەتلىك تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، تور بېكىتى، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى، ئابونتلار تېرمىنالى قاتارلىق سۇپىلار ۋە كەڭ تور ئەھلىنى ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىشقا يېتەكلەپ، مول مەزمۇنلۇق تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ تور ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە دۆلەت مەدەنىيەت بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تور ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. توردا ئەخلاق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەڭ گۈزەل شەخسلەر، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر، مۇنەۋۋەر پىدائىيلار قاتارلىق تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە ئىش-ئىزلارنى توردا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان تور مەدەنىيلىكى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تور سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى توردا ۋە تور سىرتىدا داڭلىق ماركا يارىتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، سەمىمىيەت مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش قىممەت ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرى ۋە سۇپىلىرىنىڭ ئىچكى سەمىمىيەت ئۆلچىمى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، سەمىمىي ئىشلىتىشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك؛ تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تور مەدەنىيلىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ماركىسىنى يارىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تور ئېتىكىسى ۋە ھەرىكەت قائىدىسىنى يېتىلدۈرۈپ، جايلار، تارماقلارنى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تور مەدەنىيلىكى مىزانىنى تۈزۈپ، توردا قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى ساھە باشقۇرۇش قائىدىسىگە سىڭدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تور ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن تور ساپاسى تەربىيەسى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورنى توغرا ئىشلىتىش ۋە بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئاڭلاشنى، كۆرۈشنى خالايدىغان مۇنەۋۋەر تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىش كېرەك؛ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەپتۇن بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ توردا بوزەك قىلىنىشىغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ ۋە توسۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تور بوشلۇقىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك؛ تور سۇپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تور سۇپىسىنىڭ مەھەللە قائىدىسى، ئابۇنىچىلار كېلىشىمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور سۇپىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ئالاقە تورى ساھەسىدە تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساھەنىڭ ساغلام، قېلىپلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تور مەدەنىيلىكى يېتەكچىلىكىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تور مەدەنىيلىكى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مۇھىم ئەنئەنىۋى، چوڭ بايرام ۋە خاتىرىلەش كۈنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تور مەدەنىيلىكى باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ تور ئەھلىگە ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى ئاڭلىق توسۇش، مەدەنىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك؛ توردا مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرىنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش سۇپىسىنى تايانچ قىلغان مەملىكەت بويىچە توردا ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ «ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش»، «تورنى ساپلاشتۇرۇش» بىر قاتار مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇش، بىلىمدىن سوئال – جاۋاب قاتارلىق ساھەلەردىكى مەدەنىيەتسىز مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ساختا ئۇچۇرلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ توردىكى مەدەنىيەتسىز ھادىسىلەرنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ تور ئەھلىنى نازارەت قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تور بوشلۇقىنى ئورتاق تۈزەش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تور بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى توردا قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارنىڭ ياخشى تور تەرتىپىنى قوغداش، مەدەنىي تور كەيپىياتى تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ شەخسلەر ئۇچۇرىنى قوغداش قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، رادىيو-تېلېۋىزىيە قانۇنى، تور جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تورىنى قوغداش نىزامى، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ توردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تورغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور ئەھلىنىڭ تور مەدەنىيلىكى ساپاسى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىكتە تور مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش سۇپىسى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش سۇپىسى ۋە خەلقئارا تور مەدەنىيلىكىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك؛ جۇڭگونىڭ ياخشى تور ئەھلى بولۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەڭ تور ئەھلىنى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، مەدەنىيلىككە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، ئەقلىي ئىپادىلەشكە يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تور مەدەنىيلىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئاكتىپ قاتنىشىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ تورنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ سەھنە ھازىرلاپ، خاس پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ تور ئەھلىنى، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ سىياسەت، تۈر قاتارلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ بىلەن قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ خىزمەت قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە، يول جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ