مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرىدۇ

2021.09.16 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە پارلامېنتى 14-سېنتەبىر جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنى جازالىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، پارلامېنتنىڭ پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان جۇڭگو گۇرۇپپىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىدا جۇڭگو باش ئەلچىسى قاتناشقان پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلمىغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن: ئەنگلىيە پارلامېنتى جۇڭگوغا قارشى ئايرىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشىگە ئۇچراپ، پارلامېنت بىناسىدا جۇڭگو باش ئەلچىسى قاتناشقان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلمىدى. جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيەدىكى جۇڭگوغا قارشى ئايرىم پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزدى، بۇ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلەرۋە ساختا ئۇچۇرلارنى قەستەن تارقاتقانلىقى، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا جازالىشىغا قارىتا چىقىرىلغان زۆرۈر ئىنكاسى بولۇپ،تامامەن ئورۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە جۇڭگو ئەزەلدىن قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.

  جۇڭگو-ئەنگلىيەئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدەۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگەدائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەنئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس ۋە دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خاتا قارارنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئايرىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى ھەقىقىي چەكلەپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىۋە دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغداش مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ