مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى: مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرىمىز

2021.09.16 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- سېنتەبىر، ئەنگلىيە پارلامېنتى جۇڭگو باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىغا بېرىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارىغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى يوۋ ۋېنزى مۇنداق دېدى: بۇ قارار جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھەمدە خەلقئارا قائىدە-يوسۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق، خاتا ۋەئاقىلانە بولمىغان قىلمىش. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرىمىز.

  باياناتچى مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھېچقانداق پاكىت ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا، غەرەزلىك ھالدا شىنجاڭغا چېتىلىدىغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتتى، ئەنگلىيە تەرەپ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئۆز ئالدىغا جۇڭگولۇق خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنى جازالىدى، جۇڭگو يولغا قويغان قارشى تۇرۇش تەدبىرى پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي تەدبىر بولۇپ، مۇۋاپىق ۋە قانۇنلۇقتۇر.

  باياناتچى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتەنى قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئەنگىلىيە پارلامېنتىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو-ئەنگىلىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ