مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ مالىمانچىلىرى ئۇنسۇرى خې جۈنرېن قاتارلىق 12 كىشى قانۇنسىز يىغىلىش جىنايىتىگە جازا كېچىكتۈرۈلۈشتىن 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2021.09.16 12:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ مالىمانچىلىرى ئۇنسۇرى خې جۈنرېن قاتارلىق 12 كىشى بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 4- كۈنى تەستىقلاتماي يىغىلىشقا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنىپ، 15- چېسلا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا جازا كېچىكتۈرۈلۈپ 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  شۇ كۈنى، جازا ھۆكۈم قىلىنغان جاۋابكار بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 4- كۈنى شياڭگاڭ ۋىكتورىيە باغچىسىدا تەستىقلاتماي تۇرۇپ يىغىلىشقا قاتناشقان. 12 جاۋابكار ئايرىم - ئايرىم ھالدا خې جۈنرېن، چېن خاۋخۇەن، يىن جاۋجيەن، جاڭ ۋېنگۇاڭ، گو يۇڭجيەن، جاۋ ئېنلەي، مەي خەيخۇا، لياڭ گوخۇا، خې شيۇلەن، لياڭ گوشيۇڭ، جۇ كەيدى ۋە ياڭ سېن. ساقچىلار ئۇلارنىڭ دېلو يۈز بەرگەندە يەنىلا ۋىكتورىيە باغچىسىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ھەمدە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىغا قارشى تۇرايلى» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىغان.

  يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر ئىلگىرى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خې جۈنرېن، چېن خاۋخۇەن، يىن جاۋجيەنلار 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ گو يوڭجيەن، جاۋ ئېنلەي سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ خې شيۇلەن، لياڭ گوشيۇڭ، جۇ كەيدى، ياڭ سېنلار ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ جاڭ ۋېنگۇاڭ، مەي خەيخۇا، لياڭ گوخۇاغا جازا كېچىكتۈرۈش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ