مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىڭشيا قارا كۈچلەرۋە رەزىللىككە چېتىشلىق 131 جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى

2021.09.16 12:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق قارا كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، قارا كۈچلەرنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، نىڭشيا قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايەت شايكىسىدىن 131نى بىتچىت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى جىنايەت تەشكىلاتىدىن 23ى، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇرۇھىدىن 25ى، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت شايكىسىدىن 83ى پاش قىلىنغان، جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 2496ى پاش قىلىنىپ، 2243ئادەم قولغا ئېلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈك 5 مىليارد 68 مىليون يۈەن پېچەتلىنىپ، تۇتۇپ قېلىنغان ھەم توڭلىتىلغان. قارا كۈچلەرگەۋە رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» دېلوسىدىن 578 نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 976 كىشىگەپارتىيە ئىنتىزامى مەمۇرىي جازاسى بەرگەن، 58 كىشىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نىڭشيا ج خ ئورگانلىرى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 1393نى پاش قىلىپ، 1555 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، 1 مىليارد 504 مىليون يۈەن پۇلنى چىقىم قىلىشنى توختىتىپ توڭلاتقان. تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى قانۇنسىز كان ئېچىش، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 239 نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 11 مىليون 860 مىڭ يۈەننى مۇسادىرەقىلغان. تۇرالغۇۋە شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرى دىققىتىنى ئۆي قۇرۇلۇشىۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يامان غەرەزدە خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 93 گە مەمۇرىي جازا بېرىپ،جەمئىي 5 مىليون 44 مىڭ 100 يۈەن جەرىمانە قويغان. قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى چەكتىن ئاشقان 14 مىڭ ئاپتوموبىل، 1589 قانۇنسىز تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ