مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەپتىش ئورگانلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا جياڭ شۈنبو، لى تيەن، ياڭ خوڭچىلارنى ئەيىبلىدى

2021.09.16 12:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تەپتىش ئورگانلىرى جياڭ شۈنبو، لى تيەن، ياڭ خۇڭچى قاتارلىقلارنىقانۇن بويىچە ئەيىبلىگەن.

  جېجياڭ تەپتىشئورگىنى قانۇن بويىچە جياڭ شۈنبونى پارا ئېلىش دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىدى
يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جياڭ شۈنبو (نازىر دەرىجىلىك) پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، ۋېنجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىقانۇن بويىچە ۋېنجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلغان.

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، جاۋابكار جياڭ شۈنبونىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. ۋېنجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار جياڭ شۈنبو چۈشيەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، چۈجوۋ شەھىرى چۈجياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، چۈجوۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۇ يۇقارىقى ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغاچقا،پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭ تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە لىتيەننى پارا ئېلىش دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىدى

  يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاۋچىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لى تيەن (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، چىڭيۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە چىڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، جاۋابكار لىتيەنگە قانۇن بويىچە دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى.
چىڭيۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز سۇنۇپ مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار لى تيەن جاۋچىڭ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ج ك پ جاۋچىڭ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دۇەنجوۋ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، جاۋچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاۋچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقىدىن، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىكى قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى ۋەزىپىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىپ، پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغاچقا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  سەنشى تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە ياڭ خۇڭچىنى پارا ئېلىش دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىدى

  يېقىندا، سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرى لىچېڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ خۇڭچى (باشقارما دەرىجىلىك) پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، سەنشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، ياڭچۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىقانۇن بويىچە شياڭياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگەئەرز سۇنغان.تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، جاۋابكار ياڭخۇڭچى بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. ياڭچۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار ياڭ خۇڭچى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن،پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغاچقا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ