مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا تىنچ ئوقۇش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

2021.09.15 12:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىغان ھەم تور سىرتىدىكى ئوقۇتۇشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەنگلىيەگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ياكى مەكتەپكە قايتىشنى پىلانلىغان. نۆۋەتتە، ئەنگلىيەدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەلدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشى يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. كۆپچىلىكنىڭ ئەنگلىيەدە تىنچ-ئامان ئوقۇپ، ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:

  ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇشىغا جۇڭگو ئەلچىخانىسى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈدۇ. بىز داۋاملىق ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىمىز. ئەنگلىيەدىكى ئەلچىخانا كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى ۋە ئەنگلىيەدىكى ئائىلىسى. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامان-ئېسەن، ساغلام تۇرۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئوقۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز!

  ئەگەر قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا ئالاقىلىشىڭ:

  جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تېلېفونى:20-74368294 44+ (24 سائەتلىك ئامانلىق ساقلاش ياردىمى بېرىش تېلېفونى)

  ئەنگىليەدىكى ئەلچىخانا مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى:

  -741042977744+ (24 سائەتلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تېلېفونى)

  جۇڭگونىڭ مانچېستېردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى:

  + 44-161-2248986(24 سائەتلىك ئامانلىق ساقلاش ياردىمى بېرىش تېلېفونى)

  جۇڭگونىڭ ئېدىنبورگدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى:

  + 44-131-3374449 (24 سائەتلىك سۇغۇرتا ياردىمى بېرىش تېلېفونى)

  جۇڭگونىڭ بېلفاستتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى:

  + 44-7895306461 (24 سائەتلىك ئامانلىق ساقلاش ياردەمى بېرىش تېلېفونى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ