مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش ئورۇنلىرى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلدى، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپتىن تىزگىنلەندى

2021.09.15 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى بېي 14-سېنتەبىر بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج خ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش سورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، قىيناپ سوراق قىلىش، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ بىنورمال ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن توسۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ج خ مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. لى بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلى، ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  بىرىنچى، توردا دېلو بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دېلوغا چېتىشلىق مال ـ مۈلۈكنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  ج خ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دېلو بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق دېلو بېجىرىش رايونى بىلەن باشقا فۇنكسىيەلىك رايونلارنى فىزىكىلىق ئايرىپ ھەمدە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قىيناپ سوراق قىلىش، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ بىنورمال ئۆلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن توسۇپ، شەھەر ۋە ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دېلو بېجىرىش مەركىزى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ