خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىللىق ئىلتىماس قىلىدىغان قەرز سوممىسى 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ قەرز سوممىسى 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك تۈزۈمى 16 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ئۆستۈرۈلىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ئوۋ ۋېنخەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئېلىش ئېھتىياجى ۋە مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇل سوممىسىنى 4000 يۈەن ئۆستۈرىمىز. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالدى بىلەن ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىشلەتسە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ