مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاڭ جيەنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2021.09.15 12:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جيەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ جيەنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى، جاڭ جيەننىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مېلى ۋە پايدىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. جاڭ جيەن سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 1995-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ جيەن خۇبېي ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىدارە باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىر، خۇبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلاق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىق ھەم خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، كادىرلارنى يۆتكەش، دېلوغا قاراپ چىقىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدا ئېلىپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 71 مىليون 970 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 24 مىليون 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئەمەلىي قولغا كەلتۈرەلمىگەچكە، ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

  شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ جيەننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىقتىن، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. جاڭ جيەننىڭ قىسمەن مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلىش جىنايىتى ئەمەلگە ئاشمىغان، دېلودىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئالغان جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، زاڭ مالنى ئاكتىپ قايتۇرغان، دېلوغا چېتىشلىق زاڭ پۇل ۋە مالنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ، سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ