مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلار قارا تىزىملىكى» قۇرۇلىدۇ

2021.09.15 12:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» نى تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قوش ئازايتىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.باشقۇرۇش چارىسىدە كەسىپكارلارنىڭ سالاھىيەت شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بولماسلىق تەلەپ قىلىندى.

  باشقۇرۇش چارىسىدە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىنى«قارا تىزىملىك» كە سېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خورلاش، زەخىملەندۈرۈش، تەن جازاسى بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش» قاتارلىق 11 خىل «قىزىل سىزىق» قىلمىشى ساقلانغان ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولغانلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىدىكى «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلار قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ