مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېيىش گۈللىرى ئېچىلدى

2021.09.15 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخەي شىنىڭ تار تۆپىلىكىنىڭ تۆۋىنىدىكى خۇاڭجۇڭ رايونى چەنلۇڭكوۋ بازىرى نىمالۇڭ كەنتى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. چىڭقى چۈشتە، پەقەت سېنا دەرياسىنىڭ شارقىراپ ئاققان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، كىشىنى: «كەنتتىكىلەر نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ئويلاندۇراتتى.

  «ئىشقا ماڭدۇق!» __ دېدى نىمالۇڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىجۈن قول كۆتۈرۈپ سالام بېرىپ، «يۈرۈڭلار، كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ كېلەيلى.»

  تۈپتۈز كەنت يولىنى بويلاپ ماڭسا، دورىلىق ئۆسۈملۈك كەسىپلەر باغچە رايونى كۆزگە چېلىقاتتى، دورا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش سېخىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىر نەچچە ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، دۆۋە - دۆۋە كەتىرا، كىرەشلەرنى يالپاقلاپ خالتىغا قاچىلاۋاتاتتى، دورا پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. «كۆپچىلىك ئالدىراش!» __ دېدى ۋاڭ جىجۈن.

  10 يىل ئىلگىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا، ۋاڭ جىجۈن بۇلۇڭدابىلىكىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، چوڭقۇر ئويغا پاتقانىدى. «ناھىيە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا پۇل، سىياسەت بەردى، لېكىن كەنتىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۆزىمىزگە ئايدىڭ، ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق تۇرسا.»

  ناھىيەنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، ۋاڭ جىجۈن بىر نەچچە كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى شەھىرىگە بېرىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. تۇپراقتا باراقسان ئۆسكەن ھەر خىل دورا ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ۋاڭ جىجۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىشەنچكە تولدى، «بىزمۇ شۇنداق قىلالايمىز!»

  ئۇلار بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك مايسا زاكاز قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى. كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ ھەقسىز مايسا تارقاتتى، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىپ، سېتىش يولىغا كاپالەتلىك قىلدى، يەر مۇنبەت بولغاچقا، مايسىلار باراقسان ئۆستى، كىشىلەر تىرىشچان بولغاچقا، شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ۋاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنت 460 مو يەردىكى كىرەشتىن مول ھوسۇل ئالدى، بىر مو يەردىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 6200 يۈەن كىرىم قىلىندى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يۈرۈكى تېخىمۇ چوڭىيىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن كەنتتىكى كىرەش، كەتىرا، قانتېپەر قاتارلىقلارنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1200 مودىن ئاشتى، يەنە دورا ماتېرىياللىرى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى، يالپاقلاپ پىششىقلاش بازىسى قۇرۇلۇپ، 100ىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  54 ياشلىق كەنت ئاھالىسى جاۋ جۈنسەينىڭ ھەرىكىتى قولايسىز، ئېغىر ئىش قىلالمايتتى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ كەنتتىكى دورا ماتېرىياللىرى ئۆسۈلۈك تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلدى، يەرگە پاي قوشۇپ پايدا تەقسىم قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدى. «يالپاقلاپ قۇرۇتۇش، ئوراپ ساندۇققا قاچىلاش، پارنىك يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمىز» __ دېدى جاۋ جۈنسەن ئىپتىخارلىق بىلەن.

  تۆت يىل ئىلگىرى، ۋاڭ جىجۈن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭدورا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭدا يەنە دورا ماتېرىياللىرى ئۆسۈملۈكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويى تۇغۇلدى. ھازىر، نىمالۇڭ كەنتىنىڭ كەينىدىكى تاغدا، ھەر خىل سېرىنگۈل، مودەنگۈل كۆچەتلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى، يەنە گۈلسامساق ئۆسۈملۈكىنىڭ خۇش ھىدى تارقالدى. «بۇ مىڭ موغا يېقىن ئۆسۈملۈكنىڭ ھەممىسى گۆھەر، نۇرغۇن گۈل بەرگى، گۈل ئۇرۇقى دورا بولالايدۇ، گۈل ئېچىلغاندا چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى» __ دېدى ۋاڭ جىجۈن.

  نىمالۇڭ كەنتى قۇرغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۆسۈملۈك تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھازىر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئورمان ئىقتىسادى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك باشلامچى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلاندى.

  «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدۇق، بىز تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، <ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى گۈلگە ئوخشاش گۈزەل قىلىمىز» __ دېدى ۋاڭ جىجۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ