خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى بويىچە 15-قېتىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ، گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى ۋېينىڭ يىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شيۇشۈي بازىرى شىنگۇاڭ كەنتىدە يوشۇرۇن زىيارەتتە بولغاندا، بۇ كەنتنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاددىي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان بىخەتەر سۈيى يوقلۇقى، كۆرۈنۈشىنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
نېمىشقا سۇ يوق؟ تەكشۈرۈشتىن كېيىن، كەنتتە ئىچىملىك سۇ ئەسلىھەلىرى يوق ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنىڭ زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بايقالدى. بۇ بەلكىم شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، سۇ ئىشلىتىشتە بەزى قولايسىزلىقلار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى «ئادەتتە بىر تېمىممۇ سۇ يوق، رەھبەرلەر كەلسە ئاندىن سۇ كېلىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىچىملىك سۇ ئەسلىھەلىرىدە سۇ يوق ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنىڭ ئىشلىتىشىگە تەمىنلەنمىگەن. ئەسلىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولغان ئىچىملىك سۇ ئەسلىھەسى «ئالدامچىلىق قۇرۇلۇشى»غا ئايلىنىپ، ھەقىقەتەن كىشىلەر قەلبىنى مۇزلاتتى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ خىل مەسىلە پەقەت بىر كەنتتە پەيدا بولغان ئەمەس. يېزا تۇرۇبا سۈيى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ئىشلەتمىگەنلىك __ بىكار قۇرغانغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ ئاممىۋى بايلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يەنە بىر خىل چىرىكلىك ئەمەسمۇ؟ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدىغان، خاتىرجەم سۇ ئىچەلمەيدىغان ئاممىنىڭ بار بولۇشىغا قارىتا، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا شۇ جايدىن مۇنداق سوراشتى: ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بۇنداق بولسا سۈپەتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟
«رەھبەر كەلسە ئاندىن سۇ كېلىش» خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئەگەر رەھبەرلەر تۇرۇبا سۈيىنىڭ «كىلاپانى»غا ئايلىنىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۇقرالارنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياسالغان بولماي قالىدۇ. خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك، ئازراقمۇ ساختىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، كاپالەت قۇرۇلۇشىنى ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي نەتىجە قۇرۇلۇشىنى سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىشقا ھەقىقەتەن بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۇ تۇرۇبىسى داتلىشىپ، ئادەمگەرچىلىكنى، تەرەققىيات يولىنى توسۇۋالىدۇ.
بىخەتەر سۇ ئىچىش ئەل قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىلىدىغان سۇ بولۇپ، زىننەتكە تىزىپ قويۇلغان جۈمەكنىڭ ھاجىتى يوق، قالايمىقان، ناچار ئىشلارمۇ قارشى ئېلىنمايدۇ. بىز بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر تۈزىتىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتا زىيارەت قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ خۇشال ھالدا: «بۇ سۇ سۈزۈك ھەم تاتلىق»! دېيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى