مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

16 مەركەز تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئورنىغا كەلدى، 31 پاش قىلىش خەت ساندۇقى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئېلان قىلىندى!

2021.09.14 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كادىر-ساقچىلىرى بۇنىڭ ئوبيېكتى قىلىندى.

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى مەملىكەتلىك 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىمۇ دەرھال سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش، ئۆگىنىش-تەربىيە ھالقىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ، تەكشۈرۈش-تۈزىتىش ھالقىسىغا قەدەم قويغان پەيتتە، مەملىكەتلىك تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى 6-قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تەلىم-تەربىيەنى تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، «سەككىز كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈر»نى تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھازىر، 16 مەركەز تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى پاش قىلىش خەت ساندۇقى تەسىس قىلىش ئېلانى چىقاردى

  قوبۇل قىلىش دائىرىسى: ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك) پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى ۋە تەۋەلىك رايوندىكى مەركەز سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، تىك باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى. بۇ، كادىر-ساقچىلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئارىلىشىش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش، قانۇن يۈرگۈزۈش دەللالى بولۇش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئىقتىسادىي ماجىراغا قول تىقىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇشقا قول تىقىش، كادىر-ساقچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كادىر-ساقچىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى پاش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان خەت-چەكلەر بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  مەركەز 16-تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ پوچتا خەت ساندۇقى:

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A110-نومۇرلۇق خەت ساندۇقى، A112-نومۇرلۇق خەت ساندۇقى (بىڭتۈەننىڭ)

  قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ