مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

18-نۆۋەتلىك جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدىكى كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2021.09.14 22:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى 13-سېنتەبىر گۇاڭشى نەننىڭدا ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ھەمكارلىق تۈرىدىن جەمئىي 179 ى ئىمزالاندى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %13.7 ئاشتى، ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سېلىنما سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 102 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆرگەزمە ئورنى 5400 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چەت ئەل كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆرگەزمە كۆلىمى تەخمىنەن 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشقان. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 80 مال سېتىۋېلىش ئۆمىكى توردا ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

  19-نۆۋەتلىك جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى دەسلەپكى قەدەمدە 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە گۇاڭشى نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مالايسىيا باش تېما دۆلىتى بولىدۇ.

  (ئالاقىدار خەۋەرنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 3-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ