لوپىڭ جانلىقلار توپى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىغا كىرىپ، يىراق قەدىمكى ھاياتلىق ئىزنالىرىنى ئىزدەش

2021.09.14 22:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: لوپىڭ جانلىقلار توپى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى 1-نومۇرلۇق قېزىش مەيدانى. لوپىڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن يەر شارىدىكى روشەن ئالاھىدىلىكى بولغان يەر قاتلىمىغا ئىگە قەدىمكى جانلىقلار مەركەزلىك تارقالغان رايون، شۇنداقلا قەدىمىي خاس تۈرلەر ساقلىنىپ قالغان مەركەز ھېسابلىنىدۇ. 400 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان يۈننەن يەر قاتلىمىدا، ئارخېئوزوي ئېراسىدىكى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ يېڭى ھايات ئېراسىدىكى ئىنسانلارغىچە بولغان ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مول ھەم مۇكەممەل تاشقاتما خاتىرىسى ساقلانغان. يۈننەن ئۆلكىسى لوپىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان لوپىڭ جانلىقلار توپى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى، (جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى (COP15) ئېچىلىش ئالدىدا، بىز بىرلىكتە لوپىڭ جانلىقلار توپىنىڭ سىرلىقلىقىنى ھېس قىلايلى.

  لوپىڭ جانلىقلار توپى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى لوپىڭ ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن تۈرلەردىن تەركىب تاپقان مۇكەممەل دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىدۇر، ئۇ دېڭىزدا ياشايدىغان يەر بېغىرلىغۇچىلار، بېلىقلار، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، بىراخىئوپودالار، تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار، چىشسىمانلار، تۆشۈك قۇرتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئىز تاشقاتمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، لوپىڭ جانلىقلار توپىنىڭ يىل دەۋرى مەشھۇر دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى بولغان ساينت گېئورگې تېغىدىكى ھايۋانلار توپىغا قارىغاندا سەل بالدۇر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى داڭلىق گۇيجوۋ گۇەنلىڭ ھايۋانات توپىدىن 20 مىليون يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن، پېرم دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تىرىئاس ئېراسىدىكى دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، يۈننەندىكى يۈشى چېڭجياڭ تاشقا ئايلانغان يەر قالپىقى تيەنشەن ھايۋانلار توپىدىن كېيىنكى يەنە بىر زور قەدىمكى جانلىقلارنىڭ بايقىلىشى، دۇنيادىكى بىردىنبىر «تىرىئاس دەۋرى تەتقىقات مەركىزى» بولۇپ، ئالاھىدە گېئولوگىيەلىك ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نۆۋەتتە، لوپىڭ جانلىقلار توپى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى ئەۋرىشكە كۆرگەزمە سارىيىدا جەمئىي 145 تاشقاتما ئەۋرىشكىسى، 40 پارچىدىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە تاختىسى كۆرگەزمە قىلىندى. باغچىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باغچە دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك بايلىق، مۇھىت ۋە ئىقتىسادنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈننەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ