مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى سىياسىتى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئامىل بايلىقى تېز توپلاندى

2021.09.14 22:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەينەندە «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ»نىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بەلگە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكى — «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى (پاسسىپ تىزىملىك) (2021-يىللىق نۇسخىسى)» رەسمىي يولغا قويۇلدى، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى تاقاش، يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.

  2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەينەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قانچىلىغان «بىرىنچى»لىكنى ياراتتى:

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، خەينەن يىلىڭ داۋالاش كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلىپ ئىمپورت قىلغان تۇنجى پارچە «تاموژنا بېجى بولمىغان» تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق فىزىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساندۇقى ۋېنچاڭ تاموژنىسىدىن ئۆتكۈزۈلدى — خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا كارخانىلارنىڭ ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» سىياسىتى خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى؛ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھىندونېزىيە ماي ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان 2200-2Y يۈك ئايروپىلانى جاكارتادىن ئۇچۇپ، سىنگاپوردا توختىغاندىن كېيىن خەيكوۋغا قوندى، خەيكوۋدا يۈك قاچىلىغاندىن كېيىن شۇ كۈنى سىنگاپورغا قاراپ ئۇچتى — خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ تۇنجى 5-ئاۋىياتسىيە ھوقۇقى تولۇق يۈك ئايروپىلانى لىنىيەسى ئېچىلدى؛ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ ئاچقان 1500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى گازلىقى «چوڭقۇر دېڭىز 1-نومۇر» خەينەن لىڭشۈي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى — ئېلىمىز دېڭىز-ئوكيان نېفىت-گاز ساھەسىدە زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى...

  قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، خەينەن تۈزۈمدە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى تۈزۈمىنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە) ئېلان قىلىندى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر 13 تۈركۈمدە 123 مىسال ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 3-ئايدا، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلكە باشلىقى باشچىلىقىدىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. بۇ يىل 8-ئايدا، «خەينەن ئەركىن سودا پورتىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش، خاتالىقنى تۈزىتىش، نامىنى تۈزىتىش ۋە قايتا ئىشلىتىشتىكى تىپىك مىساللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىشقا بولىدىغان بىر ئالدىنقى شەرت، يەتتە خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

  خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىشى مۇمكىن بولغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەينەندە بۇلتۇر 13 خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى، بۇ يىل يەنە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆپەيتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەينەننىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىدا ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنى 24 سائەت نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېقىن دېڭىز، قىرغاق لىنىيەسى، ئارال ئىچىدىكى ئۈچ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چەمبىرىكى بەرپا قىلىندى.

  سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئامىل بايلىقى خەينەن ئەركىن سودا پورتىغا تېز توپلاندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ بۇ يىل 7-ئايغىچە، خەينەندە يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا تەخمىنەن 214 مىڭ 700 گە يېتىپ، %61.42 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خەينەننىڭ GDP سى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %623.61 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان؛ مال ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ۋە %81.2 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ