مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايدىن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگىنىنى «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى ئويلاشتى، جۇڭگو تەرەپبۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2021.09.14 11:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 13-سېنتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ سوئالى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تەيبېي ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ نامىنى «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» غا ئۆزگەرتىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىۋېتىپتۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ سەزگۈر يادرولۇق مەسىلە، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئامېرىكا «جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتى» دا ئامېرىكا خەلقى تەيۋەن خەلقى بىلەن مەدەنىيەت، سودا ۋە باشقا غەيرىي ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ، دەپ ئېنىق ۋەدە بەرگەن. 10-سېنتەبىر، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا، زۇڭتۇڭ بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىن بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقارىقى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئادا قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئامېرىكا-تەيۋەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى ۋە ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتنى ئۆستۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك، جۈملىدىن تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىنىي باشقارمىسىنىڭ نامىنى «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» دەپ ئۆزگەرتىشكە، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكا تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  بۇ مەسىلىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن 13-سېنتەبىر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمىز بۇ ھەقتە بىزنىڭ مەيدانىمىز ۋە پوزىتسىيەرىمىزنى ئېنىق بىلدۈردى. تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، بىز جۇڭگو تەيۋەن رايونىنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياكى ئۆزئارا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  جۇ فېڭليەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى مەيلى قانداق نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن شۇغۇللانسۇن، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ