خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «تور ۋەياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىش» كە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شياۋ ياچىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:2010-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيادىكى سانائەت سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت بولۇپ قالدى. ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ، 500 خىل ئاساسلىق سانائەت بۇيۇمى ئىچىدە، %40 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ