مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شيەنيوۋ ناھىيەسى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلارغاقولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سالدى» دېگەن سىن كۆرۈنۈشى شىددەت بىلەن تارقالدى، ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا رەددىيە بەردى

2021.09.14 11:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-سېنتەبىر، فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرى شيەنيوۋ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 11-سېنتەبىردىن باشلاپ، بىر قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ئۈندىدار سۇپىسىدا تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ساقچى خادىملىرىنىڭ قوغدىنىش كىيىمى كىيگەن بەش كىشىنىڭ شيەنيوۋ ناھىيەلىك 2-دوختۇرخانا ئالدىدىن ئۆتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، بەزى تورداشلار «شيەنيوۋ ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سالغان» دەپ گەپ تارقاتقان.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشى 11-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، شيەنيوۋ ناھىيەلىك قاماقخانا جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كۈچەيتىش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى بويىچە، 26- ئاۋغۇستتىن كېيىن تۇتۇپ قېلىنغان ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ شيەنيوۋ ناھىيەلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، بۇ جەريان يولدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان بولۇپ، توردا تارقالغىنىدەك ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ئەمەس.

  كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا توقۇماسلىقى ۋە تارقاتماسلىقىنى، پىتنە-ئىغۋالارغائىشەنمەسلىكىنى،ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئورتاق غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ