مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داليەن «10- سېنتەبىر» يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار جاۋابكار بىر تەرەپ قىلىندى

2021.09.14 11:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داليەن شەھىرى 13- سېنتەبىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، داليەن شەھىرىنىڭ پۇلەنديەن رايونىدا 10- سېنتەبىر يۈز بەرگەن يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، يېقىلغۇ گاز شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، قىسمەن كادىرلار بىر تەرەپ قىلىندى.

  ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق، داليەن كۈنما يېقىلغۇ گاز شىركىتى «شەھەر - بازارلاردىكى يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامى»، «لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شەھەر - بازارلاردىكى يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامى»، «داليەن شەھىرىنىڭ يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملاردىكى يېقىلغۇ گاز كارخانىسى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت بەلگىلىمىلىرىگە سەل قاراپ، يېقىلغۇ گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەشغۇلات جەريانىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، زور جاۋابكارلىق ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى تۇغدۇرغان. داليەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پۇلەنديەن شۆبە ئىدارىسى بۇ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى لى خۇڭكۇي، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى جۇ لەيجۈننى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: داليەن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، داليەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، پۇلەنديەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساھە نازارەتچىلىكى ۋە تەۋەلىك جاينىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، داليەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى بىلەن داليەن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ فۇجيۇ، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ جې ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ داليەن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ چېن ۋە داليەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ گۇاڭ خىزمەتتىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلدى؛ پۇلەنديەن رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن بىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى؛ پۇلەنديەن رايونلۇق پارتكومغا پۇلەنديەن رايونلۇق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ساۋ چىڭئېن، پۇلەنديەن رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بۇيرۇلدى.

  2021- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 23 تىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، داليەن شەھىرى پۇلەنديەن رايونى فېڭرۇڭ كوچا باشقارمىسى شىنخې مەھەللىسىدىكى بىر ئائىلىدە يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى. 9- ئاينىڭ 11- كۈنى داليەن شەھىرى يېقىلغۇ گازنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكشۈرۈش-تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ