مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەستچىلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش بويىچە مەركەزلىك تۈزەش 10 كۈن داۋاملىشىدۇ!

2021.09.14 11:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نۇرغۇن جايلاردا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەستچىلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان، 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھىرى گۇجېن ناھىيەسىدىكى شوپۇر جاڭ فامىلىلىك ھاراق ئىچىپ مەستچىلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول بويىدىكى كىشىلەر توپىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 21 ئادەم يارىلانغان؛ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى لياۋياڭ شەھىرى دېڭتا شەھىرىدىكى شوپۇر گو فامىلىلىك مەست ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ، يولنىڭ ئوتتۇرا سېرىق سىزىقىدىن ئۆتۈپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتىكى ئۈچ ئادەم قازا قىلغان. ئىككى قېتىملىق ھادىسىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ يول قاتناش تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

  جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، يىغىلىپ تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆپىيىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەستچىلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى كۆپەيدى. جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قاتناش ساقچىلىرى 10 كۈنلۈك ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇن ئىجراسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن قانۇن ئىجرا قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەشۋىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشنى ئەڭ زور چەكتە ئاگاھلاندۇرۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە بىخ ھالىتىدە تۈگىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ