مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8 - ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشتا يېڭى رېكورت

2021.09.14 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يارىتىلدىجۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8 - ئايدا، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 300 مىڭدىن ئېشىپ، يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 309 مىڭ ۋە 321 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %8.8 ۋە % 18.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم 252 مىڭ ۋە 265 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 ھەسسە ئاشقان.

  ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارى 1 مىليون 813 مىڭ ۋە 1 مىليون 799 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 ھەسسە ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سىڭىش نىسبىتى %11 ئەتراپىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 8 - ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سىڭىش نىسبىتى %17.8كە يەتتى. كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: مۇشۇ ۋەزىيەت بويىچە تەرەققىي قىلسا، دۆلىتىمىزنىڭ 2025 - يىلى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بازار ئۈلۈشىنى %20كە يەتكۈزۈش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ