مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قانداقمۇ «زىننەت بۇيۇمى» بولسۇن؟

2021.09.11 21:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «پاسكىنا سۇ تۇرۇببا تورى ئاللىقاچان ياتقۇزۇلۇپ بولدى، لېكىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.» يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە 4-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لوفەن ناھىيەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، بىر قىسىم يېزا-بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ تۇرۇببا تورى ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى، ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «زىننەت بۇيۇمى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

  2020-يىلى، ھۆكۈمەت يېزىلاردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 20 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش تۇرۇببا تورىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئەسلىدە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش زىننەت بۇيۇمىغا ئايلاندى. بىر كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: كەنتكە كىرىدىغان بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇببا يولى ياتقۇزۇلۇپ بولدى، لېكىن ئائىلىلەرگە ئۇلانمىدى، بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق.

  «غەلىتە ھادىسە»نىڭ مەنبەسى دەل ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش كەمچىل بولۇش، ئېغىر بولغان «قۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇش» ئىدىيەسى مەۋجۇت بولغانلىقىدا. پاسكىنا سۇنى قويۇپ بېرىش تۈر قۇرۇلۇشى لايىھەسىدە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە چېتىلىدىغان تۈر يوق. كەنت كادىرلىرى: ئالاقىدار تارماقلار پەقەت تۇرۇببا تورى ياتقۇزۇشقا مەسئۇل، ئائىلىلەرگە ئۇلاش-ئۇلىماسلىق، بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇبا تورىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرماسلىقنى ئويلاشمىدى، دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئاساسلىق تۇرۇببا تورىدىن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغىچە پەقەت بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۇزارتىش كېرەك، لېكىن بۇ «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر» خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «سېسىق ئاش»قا ئايلاندۇردى.

  خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قېلىشى قارىماققا خىزمەت ئۇسۇلى مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نەتىجە قارىشى خاتا، مەسئۇلىيەتچانلىقى كەمچىل، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى سۇس ئىكەنلىكىنى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقچىللىق ھېسسىياتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەگەر باشتىن-ئاخىر خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىسا، «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر»مۇ توسۇلۇپ قالمايدۇ. باشتىن-ئاخىر خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ ياخشى چاكىرى بولۇش پەقەت بىر شوئارلا ئەمەس، ئۇنى ھەرىكەتتە، پۇقرالار ئۈچۈن كونكرېت ئىش قىلىش، پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلىشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. خىزمەتكارلار ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كاللا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىجادىي ھەل قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ