مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالا مەكتەپتە ئوقۇسا، ئائىلە باشلىقىنىڭ ۋەزىپە-ئەمىلىنى تولدۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟

2021.09.11 21:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كومېدىيەلىك كىنودا مۇنداق بىر بۆلەك بار: سىنىپتىكى بىر ساۋاقداش رايون بويىچە ماقالە مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ، ماقالىنىڭ تېمىسى «مېنىڭ رايون باشلىقى دادام» ئىدى. كۈلكە ئىچىدە، رېئاللىقتىكى بىر غەم-ئەندىشىمۇ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى. مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۇچۇرىنى توپلاش ئۇسۇلى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىكى مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈشكە ئايلىنىپ قالارمۇ؟

  بەزىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، كىرىمىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بالىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەڭ ئىچىدىكى سودا ئىجارىكەشلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ بەزىلەر، ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىدىكى پەرق، مۇھىتتىكى پەرقلەر بالىلارغا قارىتا ئۆلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، نەتىجىدە نامراتنى يامان كۆرۈپ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغان خاتا يۆنىلىش پەيدا قىلامدۇ-يوق؟ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، مائارىپ قاتلىمىدا، بۇ ئۇسۇل پەرقسىز تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىدىيەسىگە زىت. قانۇن قاتلىمىدا، شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش گۇمانى پەيدا قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ «دادىسىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش»قا بولغان ئەندىشىسىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ مەسىلە كىشىلەرنىڭ مائارىپ ئادىللىقى توغرىسىدىكى سەزگۈر نېرۋىسىغا تېگىپ كەتكەن. سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ئورۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئوقۇغۇچى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشكىچە، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىن سىرتقا تەۋسىيە قىلىش سانىغىچە... بالىنىڭ مەكتەپتىكى ھەر قېتىملىق پۇرسىتى ماھىيەتتە شەخسىي تىرىشچانلىقىنىڭ جاۋابى بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئادەمگەرچىلىك ئارىلاشقان «سودا» بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىدارى» «ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى»غا تەسىر يەتكۈزۈپ، «ۋەزىپە ئۇچۇرى» ئارقىلىق «ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى» كونترول قىلسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈپىتىنى چىرىتىپ، مائارىپنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى سالمىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بالىلاردا «ئاتا-ئانىلىرىغا بەك تايىنىۋېلىش»، «ئائىلە مۇھىتىغا بەك تايىنىۋېلىش» ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئاتا-ئانىلاردا ئېغىر بولغان مائارىپ تەشۋىشى، ئادىللىق تەشۋىشى شەكىللىنىدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتمۇ «ئاتا-ئانىسىغا تايىنىش»، «ئائىلىسىگە تايىنىش»، «ئارقا كۆرۈنۈشىگە تايىنىش»تەك ئىچكى بەسلىشىشتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

  «ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۇچۇرى ‹بايلىقى مول كان›» دەيدىغان ئىدىيەنى بۇزۇپ تاشلاش، «ۋەزىپە بىلەن مەنپەئەتنى ئالماشتۇرۇش» زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەكتەپنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بۇرچى ئەمەسمۇ؟ تۈگىتىشكە تېگىشلىك تەشۋىشنى تۈگىتىش، ئېنىقلاشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىقنى ئېنىقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، «باشقىچە نەزەر بىلەن قاراش» ئازىيىپ، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كۆپىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ