مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانا بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى «بىر ئورۇن ئوڭچە ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ»؟

مەمۇرىي ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە قەتئىي يول قويماسلىق لازىم!

2021.09.11 21:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئىش، بىپەرۋالىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش بويىچە 16-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كارخانىلارنىڭ نىڭشيانىڭ شىزۈيشەن شەھىرىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى سېتىۋالغاندا چوقۇم بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا شۇ جايدىكى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كۆزنىكىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئامالسىز «پۇل خەجلەپ خاتىرجەملىك سېتىۋالىدىغانلىقى»نى بايقىغان. بازارلاشقان رىقابەتلىك سودا سۇغۇرتىسى ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا مونوپوللۇققا چېتىشلىق قىلمىشقا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ، يەڭ ئىچىدىكى سودا بارمۇ-يوق؟ دېگەن ئوينى پەيدا قىلغان.

  تولۇق رىقابەت «ئوڭچە ۋاكالەتچىلىك»كە ئايلىنىپ قالغان، كۆپ مەنبەلىك بازار «بىردىنبىر تاللاش»قا ئۆزگەرگەن، شۇ جايدىكى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارمىقى قانداقلارچە «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش»نى يولغا قويالىدى؟ تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىدىن ھېسابلاپ ئېلىنغان ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىگە ئەسلىدە توختامدىكى پۈتۈم ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن رېئاللىقتا شۇ جايدىكى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بېكىتكەن ئىسچوتقا يۆتكەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان، سەۋەبى «بىر تۇتاش پىلانلاپ مەركەزلىك ئىشلىتىش» ئىكەن. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇسۇلىنى مەلۇم دەرىجىدە مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ: بىرلا ئورۇننى بەلگىلەپ بەرگەندە، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ خىراجەتنى يۆتكىگەندە، كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش ھاجەتسىز... لېكىن، بۇ خىل قارىماققا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى ماھىيەتتە ئومۇمىي ھوقۇقنى ئىشلىتىپ رىقابەتنى رەت قىلىش، بازارنى چەتكە قېقىش بولۇپ، باشقۇرۇشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىش مەسئۇلىيەتچىلىكى بار.

  زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، مەسىلىنى يوشۇرمىغاندىلا، زىددىيەتنى پەسەيتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مونوپوللۇققا چېتىشلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شىزۈيشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى بويىچە باشقا ۋاسىتىچى شىركەتلەرنى قاتنىشىشقا كىرگۈزۈپ، مونوپوللۇق تىجارەت ھادىسىسىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاشقا بۇيرىدى؛ ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، شۇ جاي ئورتاق سۇغۇرتا گەۋدىسى، ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. تۈزۈم لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشۈش قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى ھەقىقىي ياخشى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ