مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«رەھبەرلەر سۇ كەلسە ئاندىن كېلىدۇ؟» يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى قانداق بولۇپ «زىننەت بۇيۇمى» بولۇپ قالدى؟

2021.09.11 21:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرلار گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش بويىچە 15-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ، گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى ۋېينىڭ يىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شيۇشۈي بازىرى شىنگۇاڭ كەنتىدە يوشۇرۇن زىيارەتتە بولغاندا، بۇ كەنتنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاددىي، جۈمەكلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىكار قويۇلغانلىقتىن «زىننەت بۇيۇمى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىن يىغىۋالغان يامغۇر سۈيىگە تايىنىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق سۈزۈش، تازىلاش تەدبىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  شىنگۇاڭ كەنتىدە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت ئورناتقان بىر ياكى بىر نەچچە جۈمەك بار. مۇخبىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ 10 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنى ئارىلاپ تەكشۈردى، بىرمۇ ئائىلىنىڭ جۈمىكىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمىدى، بۇراپ ئاچقاندىن كېيىن ھېچقايسىسىدىن سۇ چىقمىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك تۇرۇبا سۈيى ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ئىشى ئىككى يىل ئىلگىرى كەنتتە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تاماملانغاندا ئېلىپ بېرىلغان؛ كۆپچىلىك خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ «زىننەت بۇيۇمى»غا ئايلانغانلىقىنى بايقىغان.

  كەنت ئاھالىسى ماۋ دىڭنىڭ ئۆيىدە، تاختاي بىلەن ئورالغان بىر تال بامبۇك تاياق لەمپە ئاستىغا يانتۇ قويۇلغان بولۇپ، كېسىلگەن سۇلياۋ بوتۇلكا ئېسىقلىق ئىدى، بوتۇلكا ئېغىزى شىلانكىغا ئۇلانغان، تۇتاشقان جايدا لاي-لاتقىنىڭ توسۇلغان ئىزى بار ئىدى، شىلانكىنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئارقا ھويلىدىكى كارىزلىق ھاجەتخانىنىڭ يېنىدىكى سۇ گەمىسىگە تۇتىشاتتى.

  يامغۇر ياغقاندا، ئۆگزىگە چۈشكەن يامغۇر سۈيى مۇشۇنداق ئۆزى ياسىۋالغان قۇرۇلمىنى بويلاپ سۇ گەمىسىگە ئېقىپ كىرىپ، سۇ گەمىسىدە ساقلىناتتى، لازىم بولغاندا چېلەك بىلەن ئېلىناتتى.

  «باشلىق كەلگەندە سۇ ئاران كەلدى»

  كادىرلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇلارنىڭ ئەگىشىشىنى چەكلەپ، داۋاملىق كەنتنى زىيارەت قىلدى. ئارقىدىن، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدىكى جۈمەكلەرنىڭ ھەممىسىدىن سۇ چىقتى.

  نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى: «ئادەتتە بىر تېمىممۇ سۇ يوق، رەھبەرلەر كەلسە ئانددىن سۇ كېلىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئارقىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مۇنۇلارنى بايقىدى: مەلۇم بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولغاندا، كۆپ يىل كەنت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان كەنت كادىرى خاتا ئادرېس بىلەن تەمىنلىگەن؛ بەزىلەر ئامبۇر كۆتۈرۈپ، ئالدىراشلىق بىلەن ھەربىر ئائىلىگە كىرىپ سۇ ماڭدۇرغان؛ نۇرغۇن جۈمەكتىن ئېتىلىپ چىققان سۇ بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قۇمسىمان لاتقىلار قوشۇلۇپ كەلگەن، بۇنىڭدىن ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدىكى سۇ سائىتىدە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ، جەدۋەلدىكى ساندا ئۆزگىرىش بولمىغان.

  يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك. گۇيجوۋ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان يېزا تۇرۇبا سۈيى ئەسلىھەلىرىنى «قۇرۇپ قويۇپ ئىشلەتمەسلىك» مەسىلىسىگە قارىتا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق قارىدى: بۇ خىل مەسىلە يالغۇز شىنگۇاڭ كەنتىدىلا ساقلانغان ئەمەس، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى پۇختىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق، ئاڭلىق ھالدا زىممىگە ئېلىپ، تۇرۇبا سۈيى قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان جايلارنى ئۆيمۇئۆي تەكشۈرۈپ، كەسكىن، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە قايتا ئازار بەرمەسلىك كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلار يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى جايلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى ھەمدە يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر جايدىكى يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ جايلار يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى ھەم كېيىنكى مەزگىللىك ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك؛ سۇچىلىق تارماقلىرى سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، ئىستاتىستىكا قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئاساسىي ماتېرىيال ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بېجىرىش ۋە ئەھۋاللارنى قايتا زىيارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سۇدىن خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ