مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا سىياسەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن

2021.09.10 22:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭدىكى بەزى كەنتلەردە، گوۋۇيۈەن نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى كۆردى: بىر كوچىدىكى يول ئەھۋالىنىڭ پەرقى چوڭ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدى قاتتىقلاشتۇرۇلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى توپا يول پېتى قالغان. بەزى كەنت ئاھالىلىرى چاقچاق قىلىپ خۇددى «پىيانىنو چوكىسى»غا ئوخشاش، بىر بۆلىكى قارا، بىر بۆلىكى ئاق، دېيىشتى.

  ئەسلىدە، شۇ جايدا «يامغۇر ياغقاندا پاتقاققا دەسسىمەيدىغان، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا ئۆرلىمەيدىغان» «ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى قىلىنغان. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانىغا ئاساسەن، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئۆلكىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت «ئائىلىلەرگە تۇتاشتۇرۇش» تۈر مەبلىغىنىڭ پەقەت بىر قىسمىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ %40 ىنى توپلاشقا مەسئۇل بولغان، شۇنىڭ بىلەن بەزى كەنت-بازارلاردا ئائىلىلەر بويىچە سېلىق سېلىنغان، پۇل تاپشۇرغانلارغا يول ياساپ بېرىلگەن، پۇل تاپشۇرمىغانلارغا يول ياسالمىغان، بىر قىسىم ئائىلە شارائىتى سەل ناچار كەنت ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشىك ئالدىدىكى يول خۇددى بىر «نامراتلىق ئابىدىسى»گە ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان كەنت-بازارلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر كىۋادرات مېتىرى 7 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە بولۇپ، ئېلىنغان ھەقنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىق دەپ بېرەلمىگەن.

  بۇ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتىكى بەزى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى ئاساسىي قاتلاملار يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى تاللاپ ئىجرا قىلىدۇ، ئۆزىگە پايدىلىقلىرىنى كۆپرەك ئىجرا قىلىدۇ، ئەسلىدە يوقلىرىنى قوشۇپ ئىجرا قىلىدۇ؛ بەزىلىرى رەسمىيەتچىلىك قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ، شەكىلۋازلىق قىلىدۇ؛ بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ ئىجرا قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ياخشى سىياسەتنى يامان سىياسەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ...

  ئاساسىي قاتلام ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى قەلب كۆۋرۈكى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن ھامان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بولغان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىياسەتنى مەجبۇرىي يولغا قويۇش ئۈچۈن ئويلاپ چىققان بەزى ناتوغرا تەدبىرلەر سىياسەتنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە نوپۇزىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، سىياسەت نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قانچە تەرەپتىن قول سېلىش لازىم: بىر ئىشنى قىلىش-قىلماسلىق، قانداق قىلىشتا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ كاللىسىغا بىرنى ئۇرۇپلا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ، خەلق ئاممىسىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىش، كۆز قاراش ئېلىش، سىياسەت تۈزۈشنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام خادىملىرى سىياسەتنى ئىجرا قىلغاندا، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي يېتەكلەپ «سان سۈپەتكە بويسۇنۇش، سۈرئەت ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇنۇش»تا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، سىياسەت ئىجراسىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى خىزمەتكە باھا بەرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ