مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگودىكى 17 مىليون 920 مىڭ ئوقۇتقۇچى دىققەت! بۇ خۇش خەۋەرنى تاپشۇرۇۋېلىڭ!

2021.09.10 22:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن 37-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، 18 مىليونغا يېقىن جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. مائاش ئۆستۈرۈلىدۇ، يۈك يېنىكلىتىلىدۇ، كاپالەت ئاشۇرۇلىدۇ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار توپىغا يۈزلەنگەن بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى» قايتا ئۇرغۇتۇلدى.

  مائاش ئۆستۈرۈلدى

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش — يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان تېما بولۇپ قالدى.

  2017-يىلى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «مائارىپ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2846 رايون، ناھىيەدە «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، جايلار ئىككى چوڭ مېخانىزم ئورناتتى — مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىنى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ تەمىناتىغا قاراپ تەڭشەش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر 9-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بېسىپ تارقاتقان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ پېنسىيەگە چىققان ھەم ئوقۇتۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى شەرەپ بىلەن تەقدىرلەش ۋە ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۆمۈرۋايەت مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يۈك يېنىكلىتىلدى

  جەدۋەل تولدۇرۇش، باھالاش، ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ قالدى، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەرتىپى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭدىن تولىمۇ بىزار بولدى.

  2019-يىلى، دۆلەت قاتلىمىدىن «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشتا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» بېسىپ تارقىتىلىپ، مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا يۈك بىرقەدەر ئېغىر بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت، مەسىلەن، تۈرلۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ نامى كۆپ، تەكرارلىقى يۇقىرى؛ تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىستاتىستىكا قىلىش، ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر گىرەلىشىپ تەكرارلانماقتا، بەزىلىرى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

  بۇنىڭغا ئاساسەن، نۇرغۇن ئۆلكىلەرمۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەلۇمات جەدۋىلىنى تولدۇرۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق بەش چوڭ جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى.

  ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىنىڭ كاپالىتى كۆپىيىۋاتىدۇ

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتقا كىرىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى مائارىپ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىدىغان مۇھىم ئامىل، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ھازىر يەنىلا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا كىرىدىغان ئىشتات يوق بولماقتا.

  بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن جايلار ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتاتىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش ۋە شەھەر ئىچىدە تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا مايىللاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشتاتنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتات «ئوبوروت كۆلچىكى» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتات ئىشلىتىش زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش جەھەتتە، جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى سۇڭ جيالې يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە ماسلىشىپ، مەركەز لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق مائارىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 625 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىلھام بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ (جۈملىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر)دىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بەردى، ياردەم ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ