مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇلازىمەت كۆزنىكىدە «پۇل خەجلەپ ئىش بېجىرىش» كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆۋەن چاغلىمايلى

2021.09.10 20:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بەزى ئامما ئۆزى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش زالىغا تۆت قېتىم قاتراپ، 44 كۈندە ئاندىن ئۆينىڭ كىنىشكىسىنى ئالغان؛ لېكىن بەزىلەر ھايانكەشلەرنى تېپىپ ۋاكالىتەن بېجىرگەن، 500 يۈەن خەجلىگەندە بىر كۈن ئىچىدە تېز سۈرئەتتە كېنىشكا چىققان» — 9-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاممىنىڭ گوۋۇيۈەن «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش بويىچە 5-نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانچاب شەھىرىنىڭ جىنىڭ رايونىغا بېرىپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىدە كىنىشكا بېجىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھايانكەشلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ نامۇۋاپىق پايدا ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق ئالاقىدار خادىملار ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، بېسىلىپ قالغان 912 كەسىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى.

  «ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭلار»، «مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بار»... بۇ خەۋەرنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس رايونىدا نۇرغۇن تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەتتە، بەزى جايلاردا ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسى ئېسىش، يىللىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا ھايانكەشلەرنىڭ سۈرئىتى ئىش بېجىرىش كۆزنىكىدىن تېز بولماقتا؛ بەزى جايلار ئۆي سودىسى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق ھالقىلاردا، خىزمەتچى خادىملار ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا ئالدى بىلەن ۋاسىتىچى تېپىپ مۇلازىمەت «سېتىۋېلىش» توغرىسىدا بېشارەت بېرىدۇ؛ بەزى جايلار كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ۋە باج ئىشلىرىنى بېجىرىش قاتارلىق كەسىپلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، بىراق ھايانكەش تېپىپ ۋاكالىتەن بېجىرسە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ بەزى فۇنكسىيەلىك تارماقلار كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى ئالاھىدە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇستەقىل ۋاكالىتەن بېجىرىشىنى بەلگىلەيدۇ، ۋەھاكازالار...

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بەزى جايلار ئۈزلۈكسىز مۇز يېرىپ ئىسلاھ قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا «بىرلا توردا بېجىرىش»، «بىرلا قېتىم قاتراش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بەزى ئىشلارنى يەنە «ئۆلكە ئاتلاپ بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم جايلاردىكى فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە خادىملار «تامغىنى ئاستىغا بېسىپ غوجام بولۇۋېلىپ»، ئاشكارا ھالدا يەۋېلىپ، ئېلىۋېلىپ، قىسىۋېلىپ، تەلەپ قىلىپ كەلدى، بۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە زىت بولماقتا.

  «نېمە ئۈچۈن تەرەققىيات ئاستا بولىدۇ؟»، «نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالمايدۇ؟»، تورداشلار قالدۇرغان ئىنكاسىدا بىۋاسىتە ھالدا «مانا بۇ جاۋاب» دېيىشتى. ئىش بېجىرىش كۆزنىكى ئاممىغا ئەڭ يېقىن مۇلازىمەت سورۇنىنىڭ بىرى، بىر جاينىڭ يۇمشاق مۇھىتىنىڭ «تېرمومېتىر»ى. يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بەزى جايلار ھەقىقەتەن باش قاتۇرۇپ، كۈچ سەرپ قىلىشى، ھېچ بولمىغاندا «تاپشۇرۇق كۆچۈرۈپ»، ياخشى ئىشلىگەن جايلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ