مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2021.09.08 11:15 مەنبە: خەلق تورى

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار سۇپا ئىقتىسادى، مائارىپ تەربىيەسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر قاتار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ ۋە تەرتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىردۇر.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مونوپوللۇققا، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بەزى سۇپا كارخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ياۋايىلارچە چوڭىيىش، تەرتىپسىز كېڭىيىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىدىن ساقلىنىشتا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بازارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش تەرتىپى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىمىزنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىمىز بولۇپ، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تۈرلۈك دەھشەتلىك دولقۇنلار ئىچىدە بىزنىڭ ھاياتىي كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، سىجىل كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغان ۋە ئۇنى پەسەيتكەندىلا، ئاندىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ بىزدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سۇپا ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى بېكىتىپ، «قىزىل-يېشىل چىراغ»نى ياخشى ئورنىتىش لازىم، بۇ، كارخانىلارنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشقا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇشقا ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش، خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىش داۋامىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەرەققىياتنى قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ ئۇزاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ خەلقئارا رىقابەتكە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشىنى قوللاش، قېلىپلاشقان يېڭىلىق يارىتىش، ساغلام، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ماھىيەتتە قانۇنچىل ئىقتىساد بولۇپ، قانۇنچىل ئىقتىسادنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى دەل قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتۇر. يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈش تۈزۈلمە ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەندە، تۈرلۈك كاپىتال، كەسىپلەرنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش جەھەتتىكى قارىشى ئېنىق، ئىزچىل بولۇپ، ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى ۋە سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغدىدى ۋە ئۇرغۇتتى، بازار سۇبيېكتلىرى 2012-يىلىدىكى 55 مىليوندىن ھازىرقى 146 مىليون ئائىلىگە كۆپىيىپ، 1.7 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛ بازار سۇبيېكتى ئۈچۈن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە-باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پۇل مۇئامىلە، بازار تەرتىپى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن بىر قاتار ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كۈچ توپلىشىغا كۈچ قوشتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرگىنى يوق! ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش، يېتەكلەش فاڭجېن-سىياسەتلىرى ئۆزگەرگىنى يوق! ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىدىغان فاڭجېن-سىياسەتلەر ئۆزگەرگىنى يوق! يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك سۇبيېكتلىرى بايلىق ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىدىغان، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي رىقابەتكە قاتنىشىدىغان، قانۇن تەرىپىدىن ئوخشاش قوغدىلىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى بىردەك بولۇپ، قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ ئالاھىدە ساھە ياكى كارخانىلارغا قارىتىلغان ئەمەس.

  ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىۋاتقان، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق، ئەسەبىزم يامراۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى توختاپ قالمايلا قالماستىن، يەنە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئازايتىش، پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىجازىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، شېنجېن ۋە پۇدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 672 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.5 ئاشتى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىچىلار روھىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى ھەمدە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا بازارنى داۋاملىق ئېچىۋەتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى مەبلەغنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە كۆزلىمىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قۇرۇلمىسى ۋە ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بارلىق كۈچ مەنبەلىرىنى تولۇق ئېچىشقا پايدىلىق. قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي سىياسەت فاڭجېنى ئۆزگەرگىنى يوق. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور چاقى چوقۇم دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ