خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىگەن خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى گۇەن يۈ ھەيكىلىنى چۇۋۇپ يۆتكەش يېقىندا باشلاندى، كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 155 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. گۇەن يۈ ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى 57.3 مېتىر بولۇپ، 2016-يىلى ياسالغان، ئومۇمىي باھاسى 172 مىليون 900 مىڭ يۈەن بولغان بۇ قۇرۇلۇش ئاۋۋال بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىندى، كېيىن يەنە كۆچۈرۈلدى، 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇشۇنداق ئىسراپ بولدى.
300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇشۇنداقلا يوق بولدى، جىڭجوۋدىكى چوڭ تىپتىكى گۇەن يۈ ھەيكىلىنى كۆچۈرۈشتىكى ساۋاق چوڭقۇر بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوبراز قۇرۇلۇشى، ئابرۇي قۇرۇلۇشى قىلىشنى قاتتىق چەكلىدى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. لېكىن، رېئاللىقتا بەزى جايلار ئاتالمىش نەتىجە قوغلىشىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشماي، قارىغۇلارچە كاللىسىغا كەلگەننى قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن باش تارتماي، شۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە، تارىخىي قىياپىتىگە ۋە مەدەنىيەت تومۇرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، تۈر قۇرۇلۇشىدا قارىغۇلارچە «چوڭ»، «ئەڭ»، «تولۇق» بولۇشنى قوغلىشىپ، زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ مەنزىرە ياساپ، پاراڭ تېمىسى، داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتىدۇ.
300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بەدەل تۆلەندى، بۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش شەرت. جايلاردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تەتبىقلىشى كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق يۈرگۈزۈپ، قانۇنلۇق بولمىغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق، ھوقۇقىنى قانۇندىن ئۈستۈن قويماسلىق كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مول يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، سەۋرچانلىق، قەتئىي ئىرادىنى ساقلاپ، ھەم «كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر»نى قوغلىشىش، ھەم كۆزگە چېلىقمايدىغان ئۇل قۇرۇلۇش ۋە دەۋرىيلىكى ئۇزۇن، ئۈنۈمى ئاستا بولغان «يوشۇرۇن نەتىجىلەر»نى يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇزاق كۈچ سەرپ قىلىپ، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ