مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەھبىرىي كادىرلار خۇشامەتتىن ئېزىپ قالمىسۇن

2021.09.07 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى جېجياڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق ساقچى ئىشلىرى تېخنىكا 2-دەرىجىلىك باش نازارەتچىسى دىڭ رېنرېننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى خەۋەر قىلدى. دىڭ رېنرېن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يېتىپ-قوپۇش قاتارلىق جەھەتلەردە غوجايىنلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەممىسىدە سودىگەر غوجايىنلارنى ھېساب-كىتاب قىلدۇرغان. ئۇ: «ھە دېسىلا مېنى ئاكام ئۇنداق، ئاكام مۇنداق دەپ چاقىرىپ، مېنى مەستخۇش قىلدى، مەنمۇ ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدىم، مەن ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىماي، جاھانكەزدى غوجايىنغا ئايلىنىپ قالدىم» دېدى. ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى دۇرۇس ئەمەس، يەنە قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ياغلىما گەپلىرى، خۇشامەتچىلىكى، ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشى ئارقىسىدا، دىڭ رېنرېننىڭ مۇداپىيە سېپى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، تەدرىجىي ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭدى.

  خۇشامەت قىلىش ئاڭلىماققا قۇلاققا خۇشياقىدۇ، لېكىن بۇلار پەقەتلا «قورشاپ ئوۋلاش»نىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى. يامان غەرەزلىك كىشىلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ، شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ياخشى تەسىراتقا ئېرىشىپ، ئاتالمىش دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ياخشىچاق بولۇشى، ئاز «مەبلەغ» بىلەن كۆپ «پايدا»غا ئېرىشىشى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا شەخسىي مەقسىتىگە يېتىش، شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئايرىم رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە جەھەتتە سەگەك، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولمىغانلىقتىن، ئۆزىگە بولغان توغرا، ئەتراپلىق تونۇشى كەمچىل بولغاچقا، خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاسانلا راست گەپ دەپ قاراپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالىدۇ، ئۆزىنى ھەممىگە قادىر دەپ قارايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ماختاپ كۆككە كۆتۈرگۈچىلەر ئەۋج ئالىدۇ، ماختالغۇچىلار ماختىلىشقا بېرىلىپ كېتىدۇ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، ئىنتىزام-قانۇن ئېڭىمۇ پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويۇلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، خۇشامەتچىلەرنىڭ كۆزلەيدىغىنى كۆپ ھاللاردا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قولىدىكى ھوقۇق. شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغاندا، پارتىيەلىك كادىرلار ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىدىغان قىلتاققا چۈشۈپ قالىدۇ. دىڭ رېنرېن «جاھانكەزدى غوجايىن» بولۇش تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، قانۇنسىز سودىگەرلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، «تەشكىل بەرگەن ھوقۇق ۋە ئورۇننى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىكى مۇھىم بايلىق دەپ قاراپ»، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى سودىگەر»گە ئايلانغان.

  پارتىيەلىك كادىرلار كۆپرەك سىرداش دوست، ياخشى دوست تۇتۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. يەنە ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن سەمىمىي نەسىھەتلەرنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش، «بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش»، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتە چېنىقىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەندىلا، ئاندىن ھەر ۋاقىت توغرا كەيپىياتنى ساقلىغىلى، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، خۇشامەت ئىچىدە ئېزىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ