مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ماتېرىيالىدا ئۇزاپ كېتىشكە بولمايدۇ

2021.09.07 11:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «باشقۇرۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «باشقۇرۇش چارىسى» ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش، تاللاپ ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆزى تۈزگەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن بارلىق تور ۋە تور سىرتى، پەن تۈرى ۋە پەندىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىغا ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچىدىن، ماتېرىيال مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، ئىلمىيلىكى ۋە مۇۋاپىقلىقىغا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى تەكىتلىدى؛ 12 ماددىلىق پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈپ چىقىلىپ، سىياسىي تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش، ئىدېئولوگىيەدە مەسىلە كۆرۈلمەسلىك، ئادەمنى توغرا تەربىيەلەش يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. ئىككىنچى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ساپا ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى تۈزگۈچىلەر سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى، ياخشى ئىدىيەۋى ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي ئوبرازغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ پەن تۈرىدىكى خادىملار مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، غەيرىي پەن تۈرىدىكى خادىملار ئالاقىدار ساھە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي ئىقتىدار ئىسپاتى ھازىرلىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى خادىملار يەنە بىر قەدەر يۇقىرى سىياسەت نەزەرىيە سەۋىيىسى ۋە بىر قەدەر مول ئالاقىدار مائارىپ ياكى تەربىيىلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى كونكرېت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، توردا ۋە تور سىرتىدا، پەن تۈرىدە ۋە پەندىن باشقا تۈردە تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ. پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىدا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى تەكشۈرۈش ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن باشقا تەكشۈرۈشىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، قوش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرگەندە، توردا ۋە تور سىرتىدا تەربىيەلەشنىڭ نىسبەتەن مۇقىم شەكىلدىكى ئۇل خاراكتېرلىك ماتېرىياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ماتېرىيال ئامبىرى، سىن قاتارلىق شەكىللەردە ساقلانغان تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەكشۈرۈش ئاساسىدا، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىپ مەسئۇل تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ، چارلايدۇ. تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلسە، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ياكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  «باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى؛ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلەش تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە، مائارىپتا ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ