مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 16-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.09.06 12:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 16-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  16- نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە:

  16-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ كۈرەش قىلىپ، 96 ئالتۇن مېدال، 60 كۈمۈش مېدال، 51 مىس مېدالغا ئېرىشتىڭلار، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈردۈڭلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

  بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مۈرەمدە بۇرچ، قەلبىمدە كۈرەش» روھىنى جارى قىلدۇردۇڭلار، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشكە بولغان كەسكىن خىرىسنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يۇقىرى چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىز مېيىپلار تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ قالتىس ئىپادەڭلار ۋەتەنگە، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىشلىرىغا شەرەپ كەلتۈردى، كەڭ مېيىپلارغا ئۈلگە بولدى. سىلەرنىڭ ئەلا نەتىجەڭلار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىگە مەنىۋى كۈچ قوشتى. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ھەم ئىپتىخارلىنىدۇ!

  ھازىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. سىلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مېيىپلار تەنتەربىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەغرۇرلۇق ياكى ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشىڭلارنى، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، كەڭ مېيىپلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە تايىنىشىغا ئىلھام بېرىپ ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ، خىرىسقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭلارنى، بەدەننى ياخشى چېنىقتۇرۇپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەردىن بولۇشىڭلارنى، شانلىق ھايات ئابىدىسى پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەن، ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى

  گوۋۇيۈەن

  2021-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ