چايچى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى

2021.09.06 11:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق چاي ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان خۇاپىڭ ناھىيىسىنىڭ چاي تېرىش تارىخى 200 يىلدىن ئاشىدۇ، بۇ يەر ئەلا سۈپەتلىك چاي ئىشلەپچىقىرىشتەك تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. نۆۋەتتە، چايچىلىق كەسپى خۇاپىڭ ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونىدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خۇاپىڭ ناھىيەسى جىنشاجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس ئىكەن، ناھىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1160 مېتىر كېلىدىكەن، تىپىك جەنۇبىي سۇبتروپىك بەلباغ تۆۋەن ئىسسىق دەريا ۋادىسى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، ئىستېرېئولۇق جايلىشىشى بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەن، كىلىماتى ئىللىق ھەم نەم ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورگانىك ماددىلار مول مۇنبەت تۇپراق بولۇپ، چاي دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ئالاھىدە ماس كېلىدىكەن ھەمدە چاي تەركىبىدىكى ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ چاي سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى ئىكەن.

  نۆۋەتتە، خۇاپىڭ ناھىيەسىنىڭ چاي تېرىش كۆلىمى 17 مىڭ مو. 2020- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئەتىيازلىق چاي مەھسۇلاتى 260 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 26 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە: داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا سۈپەتلىك چاي 165 توننا، مەھسۇلات قىممىتى 16 مىليون 800 مىڭ يۈەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ