مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە سادىق بولايلى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.09.03 23:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش — 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. 2021-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش كادىرلار ئۇلۇغ دەۋرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇندۇر، چوقۇم ئىچكى قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ئىشلارغا يارايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە پارتىيە بولۇپ كەلدى. بۇ غايە-ئېتىقاد ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدۇر. 100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغان، ھايات-ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئېچىنىشلىق قۇربان بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردى، غايە-ئېتىقاد ئوتى تۇتاشسىلا غايەت زور مەنىۋى كۈچ پەيدا بولدى. پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشىنىڭ نېگىزى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلغانلىقىدا. پارتىيەمىز 100 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ قىران تۇرۇشى، جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ بەھەيۋەت داستاننى يېزىپ چىقالىشى دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىرادىسىدىن يانماي، قەتئىي تەۋرەنمەس غايە-ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقىتى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتى ۋە مۇھەببىتىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «غايە-ئېتىقاد — جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى.» پارتىيەلىك كادىرلار غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتقاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، پۇختا ماڭالايدۇ، يىراققا ماڭالايدۇ؛ غايە-ئېتىقاد بولمىسا ياكى غايە-ئېتىقاد مۇستەھكەم بولمىسا، بوران-چاپقۇننىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ھالقىلىق پەيتتە شەخسىي غەرەز ۋە تۈرلۈك خىياللار پەيدا بولىدۇ، ھەتتا جەڭدىن قېچىپ كېتىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر پارتىيە ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىنتىلىشكە ئىگە بولسا، قەيسەر، قۇدرەتلىك بولىدۇ، ھەممىنى يېڭىدۇ، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلىدۇ، ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ قايتا-قايتا غەيرەتكە كېلىدۇ؛ بىر كادىر مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادقا ئىگە بولسا، ئورنى يۇقىرى بولىدۇ، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولىدۇ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بوران-چاپقۇندىمۇ تاغدەك مەزمۇت تۇرالايدۇ». شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادنى شەكىللەندۈرۈش بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، ھەم بىر ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى كۈرەش ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز چېنىقىش، سىناققا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. ياش كادىرلار شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش ئۆمۈرلۈك تېما، ئۇ دائىم تەربىيەلىنىشكە، دائىم چېنىقىشقا، بىر ئۆمۈر ئىشىنىشكە، بىر ئۆمۈر ساقلاشقا موھتاج. كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھەقىقەت بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئالىيجاناب غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «غايە-ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەملىكى پارتىيەگە سادىق بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. غايە-ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەگە سادىق بولغىلى بولىدۇ، پارتىيەگە سادىق بولۇش غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.» كادىرلارنىڭ غايە-ئېتىقادىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئۆلچەشتە مۇھىمى پارتىيەگە سادىق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پارتىيەمىز يول بويى سانسىزلىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى يىقىتالمىدى، ھەرقانداق دۈشمەن بىزنى يوقىتالمىدى، بۇنىڭدا بىز مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىقلىقىغا تاياندۇق. پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولغان-بولمىغانلىقىنى سىناشتا، ئىنقىلاب يىللىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىش-قىلالماسلىققا، پىداكارلىق كۆرسىتىش-كۆرسەتمەسلىككە قاراش كېرەك، تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ ئېنىق سىناش ئۆلچىمى بار. مەسىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىق؛ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىك؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك، سەمىمىي بولۇش-بولالماسلىق؛ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلنىڭ قارارىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش-بويسۇنماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ بىۋاسىتە سىنىقى. ياش كادىرلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى سىناپ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەگە مەڭگۈ ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئېغىر يۈكنى تونۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە، خەلققە، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  ھازىر ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش سىگنالى چېلىندى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ياش كادىرلار ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ