مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىچۈەن ئۆلكىسى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزىدى

قايتۇرۇۋېلىنغان تۆلەم مەبلىغى 280 مىليون يۈەنگە يەتتى

2021.09.03 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دائىر بەش تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى، بۇلار قۇرۇلۇش تۈرى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى توغرا ئادا قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ئۆلكە نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇردى، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى 16 مىڭ 51 مەسىلىنى بايقاپ، 787 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى، 138 كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، 319 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى، 280 مىليون يۈەن تۆلەم پۇلىنى قايتۇرۇۋالدى، 2496 كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى تەشكىلگە دوكلات قىلدى.

  قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى كۆپ، مەنپەئەتنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى ئاسانلا كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان گۇاڭئەن زاۋشەن ئەشيا ئوبوروتى سودا رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جياڭ بو قۇرۇلۇش تۈرىگە ئارىلاشقانلىقى ۋە قول تىققانلىقى، شۇنداقلا پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. 2009-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جياڭ بو ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرىگە كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ ۋە قول تىقىپ، باشقىلارنى دەپ خېرىدار چاقىرغۇچىنى قىستاپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىپ، ئالدى-كەينى بولۇپ 20 مىليون 650 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، 20 مىڭ فوند ستېرلىڭ ۋە بىر ئاممىباب ئاپتوموبىل قوبۇل قىلغان. 2021-يىلى 4-ئايدا، جياڭ بوغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  داۋالاش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: گەنزى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى دورجى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئالدى-كەينى بولۇپ كۆپ قېتىم مال بىلەن تەمىنلىگۈچى دېڭ فامىلىلىك قاتارلىق ئالتە كىشى سوۋغا قىلغان 9 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قوبۇل قىلغان. 2021-يىلى 7-ئايدا، دورجىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى ھەم پېنسىيە تەمىناتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەستىقلاش ھوقۇقى زىچ بولۇپ، ئاسانلا چىرىكلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، پىڭشەن ناھىيەلىك تۇرالغۇ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى چارلاش-لايىھەلەش بۆلۈمچىسىنىڭ سابىق بۆلۈمچە باشلىقى خې جيەن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆلكە ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن بىناكارلىق كارخانىسى، ۋاسىتىچىلىك شىركىتىگە ھەر بىرى 3000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان باھادىكى 800 دىن ئارتۇق ساختا كارخانا نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئارىلاپ تەكشۈرۈش جاۋاب خەت ئالاقىسى، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كاپالەت پۇلى ئېلىش قاتارلىق جەرياندا باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، جەمئىي 5 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قوبۇل قىلغان. 2021-يىلى 1-ئايدا، خې جيەنگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى. شۇ يىلى 7-ئايدا خې جيەنگە يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 600 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ