مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇش خەۋەر! تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىللىق ئوقۇش ياردەم قەرز پۇل سوممىسى 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

2021.09.03 11:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قوللاشنى كۈچەيتىش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى پەسەيتىش، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم بىلىم ئېلىپ، ئۆگىنىشتە نەتىجە يارىتىشىغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  بىرىنچىدىن، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ قەرز پۇل سوممىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىللىق ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاسپىرانتلارنىڭ 12 مىڭ يۈەندىن 16 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، مالىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى قەرز پۇل ئۆسۈمىگە تولۇق سوممىلىق ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مالىيە داۋاملىق تۈردە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى بېجىرگۈچى بانكىغا بەلگىلىك نىسبەتتە خەۋپ-خەتەر تۆلىمى بېرىدۇ ھەمدە تولۇقلىما نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشقا، تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىدۇ. مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ