مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە دائىر دوكلات ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2021.09.03 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاتالمىش «ياۋروپا ئىتتىپاقى - تەيۋەن سىياسىي مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى» توغرىسىدىكى دوكلاتى توغرىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن غەيرىي ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كاتېگورىيەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ سىياسىي ئاساسى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان تۈرلۈك ھۆججەت ۋە باياناتلاردا، ياۋروپا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قايتا تەكىتلىگەن. ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئالاقىدار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. بىز ياۋروپا پارلامېنتىنى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ يۈكسەك سەزگۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە سۆز - ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ