مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىر بولۇش كېرەك

2021.09.02 21:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈزۈمى ۋە تۇغۇت ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھەللىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا «بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ»، دەپ بەلگىلەندى. دۆلەت ئائىلىنىڭ تۇغۇت، بېقىش، مائارىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇردى، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەنمەكتە.

  ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ئۆزئارا سىغىشىدىغان سىياسەت بىرىكمە مۇشت ئېتىش ئارقىلىق بالا بېقىشتىكى تەشۋىشنى يېنىكلىتىپ، بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇغۇتتا دوستانە جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مائارىپ جەھەتتە، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەھەللىگە تايىنىپ، كۆپ خىللاشقان بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى، مۇشۇ ئاساستا داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق كاپالەت تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئادىللىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ بالا بېقىش ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، تۇغۇتنى ئىجتىمائىي مېخانىزم، سىياسەت ۋە مۇھىت لايىھەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئەرلەرنىڭ بېقىش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت ئورنىدا كۆپ پەرزەنتلىك ئانىلارغا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى تۈزۈم جەھەتتىن تۈزىتىش لازىم.

  تۇغۇت قارىماققا شەخسىي تاللاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمدى ئالاقىدار تارماقلار تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ماس، ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تۇغۇتقا ئىلھام بېرىش تىرىشچانلىقى سىياسەت قاتلىمىدا نامايان بولدى، جايلار، تارماقلار يەنە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئالاقىدار سىياسەتلىرى بىلەن تۇغۇت سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مۇناسىپ قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيەۋى قاراش، سىياسەت، قانۇن-نىزام، تۈزۈلمە-مېخانىزم قاتارلىق چەكلەش ئامىللىرىنى تۈگىتىپ، سىياسەتنى كۆتۈرۈپ چىقىش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ