مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەدە دېگەن ۋەدە! جايلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك

2021.09.02 13:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن زۇيىن مۇنداق دېدى: 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە 2846 رايون ۋە ناھىيە«مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2846 رايون ۋە ناھىيە «تۆۋەن بولماسلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رەسمىي ۋەدە بەردى، بۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق رايون ۋە ناھىيەلەر «تۆۋەن بولماسلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر جايلار بۇ ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كىرىمىنى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ تەمىناتىغا ئەگىشىپ تەڭشەشتىن ئىبارەت بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى رەسمىي ئورناتتى.

  تيەن زۇيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل گوۋۇيۈەن مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى «ئىككىنى ئازايتىش» (يەنى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىش) ۋە «بەش تۈرلۈك باشقۇرۇش»(يەنى يانفون، ئۇيقۇ، ئوقۇشلۇق، تاپشۇرۇق ۋە بەدەن ساپاسىنى باشقۇرۇش) نى نازارەت قىلىش ۋە يېتەكلەشنى «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ، نازارەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئۈزۈكسىز كۈچەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەت نازارەتچىسىنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىگە كىرگۈزۈش؛ ئىككىنچىدىن، دۆلەت مائارىپ نازارەتچىسى تەشكىللەپ، گىرەلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق ئىشلارنى ھەر يېرىم ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش قاتارلىقلار. ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىسە، بىۋاسىتە ئاشكارىلاپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە،«مائارىپ تەپتىشلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ يېڭى جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپ تەپتىشلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھۆججىتى. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش قەتئىي ۋە ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق، مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جايىدا بولماسلىق، مائارىپ ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىش، مەكتەپ باشقۇرۇشى قېلىپلاشماسلىق، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەش، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇش ياكى مائارىپ تەپتىشلىكىنى قوبۇل قىلماسلىقتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك ئەھۋالنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ