مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«996»كۈرەش قىلىش ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتۇر

2021.09.01 19:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «<996> قانۇندىكى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپ بولغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتىش كېرەك.» يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلغان بىرتۈركۈم ئەمگەك-كادىرلار تالاش-تارتىشى تىپىك دېلولىرى ئىچىدە،«996» قانۇنغا خىلاپ دەپ ئېنىق بېكىتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  «996» ھەققىدىكى تېما نېمە ئۈچۈن دىققەتنى بۇنچە تارتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى «996»نىڭ نۆۋەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانداق قاراش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىدا. بەزى شىركەتلەر بىۋاسىتە ھالدا بارلىق خادىملارنى مەجبۇرىي «996»گە مەجبۇرلايدۇ ھەمدە يىللىق يىغىندا ھەدەپ تەكىتلەيدۇ؛ بەزىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى KPIغا كىرگۈزسە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئامالسىز «ئۆزى خالاپ» ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ؛ ھەتتا «996»نى بىۋاسىتە ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈپ، قوبۇل قىلىشنىڭ قاتتىق شەرتى قىلدى... خىزمەت سورۇنىدا، گەرچە «996»گە نىسبەتەن قانچىلىك قاخشىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر «ئىشلىمىسەڭ يوقال» دەيدىغان رېئاللىق سەۋەبىدىن، ئامالسىز ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش قاتلىمىدىن «996» نىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ئېنىقكى، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  «996»نىڭ كەينىدە، ئەمەلىيەتتە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى» بار. نۇرغۇن كارخانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيە قىممىتىنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» بىلەن «كۈرەش قىلىش»نى باغلىۋېلىپ، گويا كۈرەش قىلمىسا كەلگۈسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغاندەك، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمىسە كۈرەش قىلىش ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتى يوقتەك بىر خىل كۈچلۈك ئەخلاق بېسىمى شەكىللەندۈرىدۇ. لېكىن مەسىلە شۇيەردىكى، «كۈرەش ئۆلچىمى» ئەزەلدىن ئۆلۈك ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىدا بەسلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن خىزمەتچىلەرنى قىيناش، ھەتتا كۈرەش قىلىش نامى بىلەن كىشىلەرنى قورقۇتۇش — باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە سەل قارىغانلىقى، ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى شىركەتلەر «چوڭ-كىچىك ھەپتىلىك دەم ئېلىش»نى توختىتىپ، «قوش دەم ئېلىش كۈنى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. رېئاللىق شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەڭ ياخشى كۈرەش قىلىش ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر، «996»نى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ئۆزى بىر قېتىملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ