مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى مەڭگۈ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدۇر

2021.09.01 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 17-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى مەڭگۈ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلارتەكىتلەندى: ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. بىر مىللەت روھى جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىغان، مەزمۇت تۇرالىغاندىلا، ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا، دەۋر ئالدىدا تەۋرەنمەي قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. پارتىيەمىز يۈز يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياشلىق باھارىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدە ئەنە شۇنداق ئىنقىلاب ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك روھقا تايانغان. قىيىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش — ھەم ماددىي جەھەتتىكى، ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى كۈچ ئېلىشىشتۇر.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۈز يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىسىنى چىڭ ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتەك ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ روھىي مەنبەسىدۇر. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، زۇنيى يىغىنى روھى، يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى، قىزىل قىيا روھى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى،«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىي شەجەرىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلار زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، تۆھپە قوشۇش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز، خەلقىمىزنىڭ قېنىغا چوڭقۇر سىڭىپ، پارتىيە قۇرۇشىمىز، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشىمىز، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھايات چەكلىك، نۇرغۇن قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئالىيجاناب روھىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىمۇ چەكلىك، لېكىن بىر خىل قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى شەكىللەندۈرۈش — مەڭگۈلۈكتۇر. ھەر قانداق بىر مىللەتمۇ شۇنداق روھنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى ھاسىل قىلىشىغا موھتاج، دەۋر تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق روھنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز، بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ماددىي مەدەنىيەتنىڭ جۇغلىنىشىغا، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ موھتاج، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق كۈرەش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ روھى ئارقىلىق ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خېيىم-خەتەر ئۈستىدىن قەتئىي غالىپ كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغاكەلتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ