مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش لازىم

2021.08.31 20:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردىكى يەتتە كادىرنىڭ جازالىنىشى ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، «تۇغقانلىرى باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قوبۇل قىلىش»، «تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش»، «تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىك قىلىپ چىرىكلىشىش، ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىش، ئائىلە ئىستىلى بۇزۇلۇش» ھەققىدىكى بايانلار كۆپ قېتىم كۆرۈلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئاشكارا ئېلان قىلغان مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردىكى كادىرلارغا پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، ئائىلە ئىستىلى توغرا بولماسلىققا چېتىلىدىغانلىرى %60كە يېقىنلىشىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردىكى 22 كادىردىن 11 ىنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقى ئېنىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  بۇ رەھبىرىي كادىرلار ھەم ئۆزىنى ياخشى باشقۇرالمىدى، ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ياخشى باشقۇرالمىدى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلار ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلمىغانلىقى، تەربىيەسىز قالغانلىقى، ئائىلىنى قاتتىق باشقۇرمىغانلىقى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا ئېغىر مەسىلە ساقلانغانلىقىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ھەم كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى، «ئەلگە تەربىيە بەرمەكچى بولغانلار، ئالدى بىلەن ئائىلىسىنى جەزمەن تۈزەيدۇ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرىدۇ»، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئائىلە ئىستىلىنىڭ بۇزۇلۇشى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىن قارىغاندا، بەزى رەھبىرىي كادىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا پۇل-مال يىغىشىغا يول قويغان، پەرزەنتلىرىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىپ پايدا ئېلىپ، ناتوغرا پۇل تاپقان؛ بەزىلەر «بىر ئائىلىدە ئىككى خىل تۈزۈم»نى يولغا قويۇپ، «ئالدى ئىشىكتە ئەمەلدار بولۇپ، ئارقا ئىشىكتە دۇكان ئېچىپ» ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بېيىپ، ئۆزى «ھوقۇق-پۇل بىرژىسىنىڭ باشلىقى» بولۇپ قالغان. بۇ رەھبىرىي كادىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشىغا يول قويۇپ، ئالاھىدە سالاھىيەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، ئاممىۋى ھوقۇقنى «خۇسۇسىي بۇيرۇتما»غا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەن چەكنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان.

  ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش — رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. ھەربىر رەھبىرىي كادىر ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، بىر تەرەپتىن، ئۆزى دۇرۇس بولۇشى، ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي-ساددا ياشايدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان ياخشى قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ